UyghurMain Dictionary
موللېر
دۇنيا تارىخى
(1622 - 1673) ئەسلى ئىسمى پوچېلىن فرانسىيىلىك كلاسسىك كومېدىيە يازغۇچى. بۇردۇئا ئائىلىسىدىن چىققان. ئۇ كىچىكىدىلا سەھنە ئەسىرىنى بەك ياخشى كۆرگەن. كېيىن 14 - ئەسىردىكى گۇمانىستلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىنى ۋە سانكادى ھەمدە قەدىمكى زامان پەيلاسوپلىرىنىڭ ماتېرىيالىستىك ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان. دادىسىنىڭ ئۇنى ئادۋوكا ۋە سودىگەر قىلىش ئارزۇسىنى رەت قىلىپ، تىياتىرچىلىققا بېرىلگەن. 1643-يىلى <نۇرلۇق تىياتىر ئۆمىكى> نى ئۇيۇشتۇرغان، كەسپىي جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن قەرزگە بوغۇلۇپ، تۈرمىگە ئېلىنغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەردە 212 يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ، مول ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىگە بولغان. 1658-يىلى پارىژغا قايتىپ، رۇفۇس سارىيىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئويۇن قويۇپ، لۇئى 16 - نىڭ ماختىشىغا ئىگە بولغان. كېيىن پارىژدا كلاسسىك كومېدىيە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە قاتتىق زەربە بەرگەن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە چېركاۋنىڭ چىرىكلىكلىكى ۋە ساختىلىقىنى، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە بېخىللىقىنى پاش قىلغان؛ ياۋروپا كومېدىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ھاياتىدا 37 كومېدىيە ئىجاد قىلغان. ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى <ساختىپەز جاناب>، <بېخىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.