UyghurMain Dictionary
مولېكۇلا ئېمبرىئولوگىيىسى
Domain: بىئولوگىيەھەر خىل تىپتىكى ھۈجەيرىلەرنى تۈزگۈچى بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلا (نوكلېئىك كىسلاتا ۋە ئاقسىل) لارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە قارىغاندا، تۆرەلمىنىڭ دېففېرېنسىيىلىنىش مەسىلىسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئاقسىللارنىڭ تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدىكى بىرىكتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا، مولېكۇلا ئېمبىرىئولوگىيىسىنىڭ مۇھىم بىر ۋەزىپىسى، ئۇ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا ياكى قايسى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن يېتىلىش مەزگىلىدە قانداق بىرىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.