UyghurMain Dictionary
مولىبدېنىت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
گىئولوگىيە
بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى MOS2. تەركىبىدىكى مولىبدېن %60 بولىدۇ.كۆپىنچە رېنىي تەركىبلىك كېلىدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان كۆپ شەكىللىك تۈردە بولۇپ، ئۇ ئوخشاش بولمىغان كۆپ شەكىللىك تۈردە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ئۈچ ياقلىق ۋە ئالتە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستالى كۆپىنچە ئالتە ياقلىق تاختىسىمان بولۇپ، قۇراشمىسى قاسىراقسىمان كېلىدۇ. رەڭگى كۈل رەڭ، ئىز سىزىقى يېشىلغا مايىل قارامتۇل كۈل رەڭ، ئىز سىزىقى يېشىلغا مايىل قارامتۇل كۈل رەڭ بولىدۇ.مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە. قاتتىقلىقى 1 ، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 4.7 - 5.0. ياپراقچىلىرى ئېگىلىشچان، سىلىق بىلىنىدۇ.