UyghurMain Dictionary
مولليۇسكلار
بىئولوگىيە
يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئىككىنچى چوڭ تىپ بولۇپ، تۈر سانى پەقەت بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلاردىنلا كېيىن تۇرىدۇ. تېنى بوغۇملارغا بۆلۈنمىگەن، ھەممىسىنىڭ باش، پۇت ھەم ئىچكى ئورگان كاللىكىدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق بەدىنى بولىدۇ. دۈمبە تەرەپ تېرىسى پۈرلىشىپ، تۆۋەنگە ئۇزىراپ، ئىچكى ئورگان كاللىكىنى ئوراپ تۇرغان سىرتقى غىلاپ پەردىسىنى شەكىللەندۈرگەن. سىرتقى پەردىسى بىلەن ئىچكى ئورگانلار كاللىكى ئارىلىقىدىكى بوشلۇق سىرتقى غىلا بوشلۇقى دېيىلىدۇ، نەپەسلىنىش رولى بولغان ژابرا دەل سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىغا جايلاشقان، ھەزىم قىلىش، چىقىرىۋېتىش، كۆپىيىش ئورگانلىرى قاتارلىقلارمۇ سىرتقى غىلاپ بوشلۇقى ئىچىگە ئېغىز ئاچقان. ئۇلارنىڭ يۇمشاق گەۋدىسىنىڭ سىرتىدا سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىنىڭ ئاجراتمىسىدىن شەكىللەنگەن قاپچۇق بولىدۇ. قاپچۇقى ئاساسەن كالتسىي كاربوناتتىن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز مىقداردىكى كونخىئولىندىن تەركىب تاپقان. قاپچۇق تۈزۈلۈشى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت، پىرىسماتىك قەۋەت (قىرلىق تۈۋرۈكسىمان قەۋەت)، مەرۋايىتلىق قەۋەتلەرگە بۆلۈنىدۇ. مولليۇسكلار ئەسلىدە ئوڭ - سول سىممېترىك، لېكىن بەزى تۈرلىرى (قورساق پۇتلۇقلار) يېتىلىش جەريانىدا بۇرۇلۇپ ۋە ئەگرىلىشىپ كېتىدىغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارا - بارا ئوڭ - سول سىممېتىرىيىسىز بولغان سپىرال شەكىل ياكى باشقا شەكىللەرگە ئايلىنىدۇ. تارقىلىشى كەڭ. دېڭىز، تاتلىق سۇ، قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ. زور كۆپ قىسىم تۈرلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىدە ئاقسىل ئالاھىدە مول، بەزىلىرى بېلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇقى بولۇپ، تاتلىق سۇ كۆللىرىدىكى مولليۇسكلارنىڭ مىقدارى بېلىق باقمىچىلىقىدا بېقىلىدىغان بېلىق سانى ۋە تۈرىنى بەلگىلەشنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بەزىلىرىدىن دورىلارنى ئايرىۋېلىشقا، قاپچۇقلىرىدىن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا بولىدۇ. باشقا بەزى تۈرلىرى ئىنسانلارغا زىيانلىق بولۇپ، بەزى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئارىلىق خوجايىنى ھېسابلىنىدۇ. ياكى يېزا ئىگىلىكىگە زىيان سالىدۇ. بۇ تىپتىكى ھايۋانلار قوش نېرۋىلىقلار سىنىپى (مەسىلەن،تاش كۆز)، قورساق پۇتلۇقلار سىنىپى (مەسىلەن، ئېتىز قۇلۇلىسى، ئۈزۈمسىمان قۇلۇلە)، سكافوپودالار سىنىپى (مەسىلەن، مۈڭگۈز قاپلىق مولليۇسك)، كلاپان ژابرالىقلار سىنىپى (مەسىلەن، سەدەپ قۇلۇلىسى، ئاركا)، باش پۇتلۇقلار سىنىپى ]مەسىلەن، كاراكاتسىيە (سىياھبېلىق) ئوكتوپۇش (سەككىز ئاياغلىق سىياھبېلىق)[ لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.