UyghurMain Dictionary
مەسخىرە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ لەقىمى، يېشى ۋە ئەيىبىنى ئېچىپ، سۆز _ ھەرىكەت بىلەن ئېيتىش، كۆڭۈل ئېچىش.
ھەر بىر چاقچاقنىڭ ئىچىدە ھەقىقەتنىڭ ئۇچقۇنى بار. سېنىڭ جېنىڭغا خۇش ياققان چاقچاق، ئۆزگە تىلغا نەشتىرى پىچاق. مازاق _ مەسخىرەڭدىن كەلمىسۇن ئازار، سوغۇق چاقچاق ئابروينى يەرگە ئۇرۈر. كىمنى پادىشاھ ئۆزىدىن يىراق تۇتسا، ئۆي ئىچىمۇ زاڭلىق قىلىدۇ ھەتتا. شىلتىڭ قىلىپ قويسام شىللەمگە مىندى. ئەگەر كىشى چاقچاق قىلسا، ئەيىب ئەتمە، بۇ ئىشقا يول قويار دائىم ئەقىل، دىن؛ كۆڭۈل بىر ئەينەك چاڭ بېسىپ تۇرار، چېڭى كېتىپ روشەنلىشەر ھەزىلدىن. شاڭخو شاھقىمۇ لازىم. ئىستھزا ئىنتىقام يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ناچار خاھىش، بولمىغۇر ۋە ئەخمىقانە قىلىق، ئادەتلەرگە بولغان كەمسىتىش، ياراتماسلىق؛ زاڭلىق، مازاق.
مەسخىرە قىلماق. مەسخىرىگە قالماق.
<تىل> ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇللاردىن بېرى. ئۇنىڭدا ئوخشىتىش ياكى مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بولمىغۇر ياكى ئەخمىقانە دەپ ھېسابلانغان قىلىقلار، ئادەتلەر ئاشكارىلىنىدۇ ۋە تەنقىد قىلىنىدۇ.