Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىدا مەككىدىكى مەسچىتى ھەرام ۋە مەدىنىدىكى مەسچىتى نەبىدىن قالسىلا 3 - ئورۇندا تۇرىدىغىنى مەسچىتى ئەقسا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىت ئېرۇسالىمنىڭ شەرقىت رايونىدىكى كونا شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ھيلىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇلۇڭىدا، «ئەقسا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئىنتايىن يىراق» دېگەنلىك بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېيىلگەن: «بەندىسىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسچىتى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىتى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى... » (17 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدىن). رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئەقسا مەسچىتىنى سېلىشقا باشلىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى تەبلىغ قىلغان دەسلەپكى چاغلاردا ئەقسا مەسچىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى قىلىپ بەلگىلىگەن (623 - يىلى مەككىنى قىبلە قىلىشقا ئۆزگەرتتى). خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر 638 - يىلى ئېرۇسالىمنى پەتھى قىلغاندىن كېيىن، ئەقسا مەسچىتىنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئابدۇ مالىك 705 - يىلى قايتىدىن سالدۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ۋەلىد 709 يىلى پۈتكۈزدى. 708 - يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە مەسچىت ۋەيران بولۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن نەچچە قېتىم قايتىدىن ياسالدى. چوڭ خانىقاننىڭ ئېگىزلىكى 88 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 90 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر بولۇپ، خانىقاننىڭ ئىچىگە مەمەر تاشتىن 53 دانە يۇمۇلاق تۈېرۈك، 49 دانە چاسا تۈۋرۈك قويۇلغان. مەسچىتنىڭ قۇببىسى ۋە شىمالىي دەرۋازىسى Ⅺ ئەسىردە قوشۇلغان. 1099 يىلى ئەھلىسەلىب قوشۇنى ئىشغال قىلغان مەزگىلدە مەسچىتنىڭ بىر قىسمىنى خرىستىئان چېركاۋىسى، بىر قىسمىنى بۇتخانا، گازارما ۋى قۇرال - ياراغ ئىسكىلاتى قىلدى. مىسىردىكى ئەييۇب سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى سالاھىدىن 1187 - يىلى ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، مھېرابنى ۋە پىل چىش بىلەن زىننەتلەنگەن مۇنبەرنى ھەمدە رەڭلىك تاشلار بىلەن نەقىشلەنگەن قۇببىنى قايتىدىنى ياساتتى. 1948 - يىلىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئېرۇسالىمنى بېسىۋالدى ھەمدە مەسچىت ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنى بۇزۇۋەتتى. مەسچىتنىڭ ئاساسىي بىناسىغا 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بىر ناسارا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. تارىخىي ئاسار ئەتىقە ھېسابلىنىدىغان «مۇنبەر» مۇ كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.