Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىمەككىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1997 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سۈننىي مەزھىپىدىكى ئوبدان قوراللانغان 1200 مۇسۇلمانغا بىر مەخپىي تەشكىلات رەھبەرلىك قىلىپ، مەككىدىكى چوڭ مەسچىتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئادىمى ئاز بولغاچقا ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى، مەسچىت ئىشغال قىلىۋېلىندى. ئىشغال قىلغۇچىلار بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى <ئىسلام ئىنقىلابچىلىرى> دەپ ئاتىدى. سەئۇدى ئوردىسىغا چېرىك، ئىقتىدارسىز، دەپ ھۇجۇم قىلدى. ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلام دىنى بىلەن زىت، ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتىپ، ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى پاكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، دېدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى ئەتىسى قايتۇرما ھۇجۇم ئۇيۇشتۇردى. 14 كۈن ئېلىشىپ ساقچىلار مەسچىتنى تارتىۋېلىپ، توپىلاڭنى تىنجىتتى. 1980 - يىلى 1 - ئاينىڭ باشلىرى توپىلاڭچىلاردىن 63 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 41 ئادەم سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، 10 ئادەم مىسىرلىق، ئالتە ئادەم جەنۇبىي يەمەنلىك، ئۈچ ئادەم كۇۋەيتلىك، ئۈچ ئادەم سۇدانلىق، ئىراقلىق ۋە شىمالىي يەمەنلىك ئىدى. توپىلاڭ باشلىقى جۇھمان ئىبنى شائىف ئۇتبا مەككە ئىسلام دارىلفۇنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنى <ئىمام مەھى> دەپ ئېلان قىلدى.