Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىدىكى ئىككىنچى چوڭ مەسچىت بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە شەھىرىدە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 622 - يىلى 9 - ئايدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا سالغان. دەسلەپكى چاغلاردا بۇ مەسچىت ئاددىي بولۇپ، خورما ياغىچى تۈۋرۈك قىلىنغان، ھويلا خورما يوپۇرمىقى بىلەن يېيىلىپ، لاي بىلەن سۇۋالغان. كېسەك بىلەن تام سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 52.5 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ۋەلىد (705 - يىلىدىن 715 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) مەسچىتى نەبىنى قايتا سېلىپ، بۈۋى فاتىمەنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىنى مەسچىتكە قۇشۇۋەتتى. ھازىر مەسچىت ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، 1848 - يىلىدىن 1860 - يىلىغىچە سېلىندى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 1955 - يىلى مەسچىتنى كېڭەيتىپ سېلىپ، كۆلىمىنى 16 مىڭ كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتتى. بەش مۇنار سېلىندى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 70 مېتىر كېلىدۇ. بۇرۇن غەربتە سالام ئىشىكى ، رەھمەت ئىشىكى، شىمالدا شەرەب ئىشىكى، شەرقتە نىسالار ئىشىكى، پەرشتىلەر ئىشىكى بار ئىدى، ھازىر ئىشىك توققۇزغا كۆپەيتىلدى. ئىشىكلەرنىڭ ئىگىزلىكى ئالتە مېتىر، كەڭلىكى 3.2 مېتىر كېلىدۇ، سېرىق مىس بىلەن قاپلانغان. مەسچىتنىڭ تېمى شەرقتىن غەربكە 128 مېتىر، شىمال تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 91 مېتىر كېلىدۇ. خانىقا بىلەن كارىدور 232 تال يۇمۇلاق تۈۋرۈك، 474 تال چاسا تۈۋرۈك، 689 ئەگمە ئىشىك قۇرۇلمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان؛ يېڭىدىن سېلىنغان كارىدور شىمال، ئوتتۇرا، شەرق، غەربتىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا ئايرىلىپ ھەممىسىگە ئاق مەمەر تاش ياتقۇزۇلغان. مەسچىت ئىچىدە مەمەر تاشتىن ياسالغان مۇنبەر بار. بۇ مۇنبەر 1589 - يىلى سېلىنغان. مۇنبەرنىڭ 12 پەلەمپىيى بار. مەسچىتنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇلۇڭىدا سېرىقى مىس رىشاتكا بىلەن ئايرىپ قويۇلغان جاي بولۇپ، بۇ يەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقبەرىسىدۇر. ئۇنىڭ شىمالىدىكى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەرلەرنىڭ مەقبەرىسىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى ھەج تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، زىيارەت قىلىدۇ.