UyghurMain Dictionary
ليۇكترا جېڭى
دۇنيا تارىخى
يۇناندىكى شەھەر بەگلىكلىردىن تېبېس بىلەن سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭ، تېبېس ئوتتۇرا يۇناندىكى چوڭ بەگلىك، شۇنداقلا پوئېتىيا رايونى ئىتتىپاق باشلىقى بولۇپ، يۇناندا زومىگەرلىك قىلىپ يۈرگەن سپارتامۇ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلىگەن. مىلادىدىن 371 يىل ئىلگىرى، پۈتۈن يۇنان بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، سپارتا تېبېستىن پوئېتىيا ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىنغان. سپارتا پادىشاھى كىلېئومبروت (مىلادىدىن 371 - 380 يىل ئىلگىرى تەختتە تۇرغان) ئەسكەر باشلاپ كېلىپ (تەخمىنەن 11 مىڭ ئادەم) پوئېتىياغا بېسىپ كىرىپ، ليۇكترادا ئېپامىنوندا (پېلوپىدا) يېتەكچىلىكىدىكى تېبېس قوشۇنى (تەخمىنەن 7500 ئادەم) بىلەن ئۇچراشقان. تېبېس قوشۇنى <قىيپاش شىنا> شەكىلدە سەپ تارتقان (سەپنىڭ سول قانىتىنى كۈچەيتىپ، قالقانلىق ئەسكەرلەرنى 50 رەتكە يەتكۈزگەن ھەمدە نەيزە بىلەن قوراللاندۇرغان)، قاتتىق جەڭ نەتىجىسىدە، سپارتا قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولغان، پادىشاھ ئۇرۇشتا ئۆلگەن. بۇ جەڭ سپارتانىڭ زومىگەرلىكىنىڭ ئاخىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئېپامىنودا پېلوپوننېسو (جەنۇبىي يۇنان)غا يۈرۈش قىلغان، پېلوپوننېسو ئىتتپاقىمۇ پارچىلانغان.