UyghurMain Dictionary
ليۇجۇ شەھىرى ئىچىدىكى مەسچىت
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ليۇجۇ شەھىرىدىكى باغچا كوچىسىدا. بۇ مەسچىتنى 1673 - يىلىدىن 1678 - يىلغنچە بولغان ئارىلىقتا ماشۇن سالدۇرغان. مامىڭلۇڭ، چاڭ يۈنخۇا، لى يەنلىڭ، ماجۇنشى، مازىچى، خۇاڭ پۇ قاتارلىق ئۆلىمالار بۇ مەسچىتكە كېلىپ دەرس ئۆتكەن. مەسچىتنىڭ بۇرۇنقى كۆلىمى ناھايتى چوڭ بولۇپ، قايتا سالغاندا كۆلىمى كىچىكلىتىلگەن. ھازىرقى ئىمارەتلەر چىڭ سۇلالىسىنڭ ئاخىرلىرىدىن مىنگونىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.