UyghurMain Dictionary
ليۇكىپپۇ
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ. <ئاتوم نەزەرىيىسى> نىڭ ئىجادچىسى دېگەن قاراش بار. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مىلېتۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان ياكى تۇرغان. ئۇ يەردە دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. جەنۇبىي ئىتالىيەگە بېرىپ، ئېلېئا ئىلمىي ئېقىمىدىكى پارمېندې ۋە زېنولاردىن ئۆگەنگەن. مىلادىدىن 440 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا كراكىيىدىكى ئابدېېرادا ئاتوم نەزەرىيىسى ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلغان (ئۇنى ئابدېرالىق دېگەن گەپمۇ بار)، مۇشۇ ئېقىمنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى دېموكرىتنىڭ ئۇستازى. بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن <كەڭ ئالەم> ۋە <روھ توغرىسىدا> دېگەن ئەسەرنىڭ قالدۇق قىسىملىرى زادى ليۇكىپپۇنىڭ ئىكەنلىكى ياكى دېموكرىتنىڭ ئىكەنلىكى، ياكى ئۇلار بىرلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى قارارلاشتۇرۇش تەس. ئومۇمەن قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قاراش: ليۇكىپپۇ ئاتوم نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغان، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى ئالەم چەكسىز، ئۇنىڭ ئەسلى بۆلۈنمەس <ئاتوم>، ئاتوم بوشلۇقتا قاينام شەكلىدە ھەرىكەت قىلىپ كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىگە خاس مۇقەررەرلىككە ئىگە بولىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. دېموكرىت بولسا بۇ نەزەرىيىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. بىراق، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئېپىكورۇش ليۇكىپپۇ دېگەن ئادەمنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلار كۆپ ئەمەس، چۈنكى ئارىستوتىلنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان.