UyghurMain Dictionary
ليۇگىچىلار
دۇنيا تارىخى
پولابىسكىي سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئوردا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئوبودرىتېلار بىلەن قوشنا. مىلادى Ⅷ ئەسىردە قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، گېرمانلار بىلەن دانىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە ئۆز مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان. 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى لوتار Ⅱ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. گېرمان فېئوداللىرى ئۇلارنىڭ زېمىندا براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ليۇگىچىلار 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرى گېرمانلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان