Uyghur←ChineseMain Dictionary
ليۇگىچىلار
Domain: دۇنيا تارىخى柳李奇人
liǔ lǐ qí rén
پولابىسكىي سلاۋىيانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئوردا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ غەربى، بالتىق دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئوبودرىتېلار بىلەن قوشنا. مىلادى Ⅷ ئەسىردە قەبىلە ئىتتىپاقى قۇرۇپ، گېرمانلار بىلەن دانىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. Ⅹ ئەسىردىن Ⅺ ئەسىرگىچە ئۆز مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى لوتار Ⅱ تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. گېرمان فېئوداللىرى ئۇلارنىڭ زېمىندا براندېنبۇرگ كىنەزلىكىنى قۇرغان. ليۇگىچىلار ⅣⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى گېرمانلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.