UyghurMain Dictionary
كۇساكا گېنمىزو
دۇنيا تارىخى
(1840 - 1864) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش تەرەپدارى. ئىسمى مىچىتاكې، تەخەللۇسى گېنمىزو، 17 ياش ۋاقتىدا كىچىتاماتسۇ يېنىدىن بىلىم ئالغان. تاگاسۇگې شىنساكۇ بىلەن بىللە ماتسۇشتا يېزا مەكتىپىدىكى بىر جۈپ قاشتاش مۇنچاق دەپ ئاتالغان. 1861 - يىلى ناگاي ئاكىرا (1819 - 1863) نىڭ <دېڭىز قاتنىشى ستراتىگىيىسى> گە قارشى تۇرۇپ، پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1862 - يىلى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىغا ئوت قويۇش، كىئوتوغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1863 - يىلى پايتەختكە بېرىپ، پادىشاھنى چەت ئەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن. سىمۇنوسېكىغا قايتقاندىن كېيىن چەت ئەللىكلەرنىڭ پاراخوت كېمىلىرىنى توپقا تۇتۇش ئىشىغا قاتناشقان. 1864 - يىلى ساناگى ياسۇئۇمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە ناگاسۇ ۋاسساللىقىدىكى قىسىملارنى باشلاپ كىئوتوغا يۈرۈش قىلغان. ئوردا ئۆزگىرىشىدە يارىدار بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. <جياڭيۆزەي قەسىرىسى خاتىرىلىرى> دېگەن ئەسەرنى يازغان.