UyghurMain Dictionary
كۇس كۇس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەيۋەت - شىكايەتكە دائىر ھەر خىل يارىماس گەپلەر ۋە ئۇلارنى تاپىدىغان كىشى.
ئۇششاق سۆز - ئائىلىنى بۇزغۇچى قايچا. ۋىت - ۋىتنىڭ گېپى تۈگىمىگىچە، كۆڭۈل تىنچىماس. كۇس - كۇس يوق يەردىن گەپ تاپىدۇ.
شىۋىلەر
ئۇششاق سۆز، غەيۋەت - شىكايەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<كۇس> سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.
كۈچسىز، تۆۋەن ئاۋازلار:سورۇندا كۇس - كۇس پاراڭلار كۆپىيىپ كەتتى.
غەيۋەت - شىكايەت خاراكتېرىدىكى ئاساسسىز، تايىنى يوق سۆزلەر.
گەپنىڭ يامىنى كۇس - كۇس، ئوسۇرۇقنىڭ يامىنى پۇس - پۇس (ماقال).