UyghurMain Dictionary
كۇرىسىك جېڭى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭلەرنىڭ بىرى. 1943 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، فاشست گېرمانىيىسى 500 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئۈچ گۇرۇپپىۋىي كورپۇس ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، ئورېل ۋە بېلگورود دىن ھۇجۇم قىلىپ كۇرىسىكتىكى سوۋېت ئىتتپاقى ئارمىيسىنى يوقىتىپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىدىغان يولنى ئاچماقچى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بىر ھەپتىلىك مۇداپىئە ئۇرۇشى ئارقىلىق كۆپلىگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى يوقاتقان، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. شۇ كۈنى پروخوروۋكا رايونىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تانكا جېڭى ئېلىپ بېرىپ، گېرمانىيە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان. 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئورېل ۋە بېلگورودنىمۇ ئىشغال قىلغان. 32 - كۈنى خاركوۋنى قايتۇرۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىگەن.