UyghurMain Dictionary
كۇزۇخارا جەمەتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى. قەدىمكى زاماندا گېن، تابرا، كىتسۇ بىلەن بىللە تۆت چوڭ فامىلە دەپ ئاتالغان. ناكاتسۇئومى كاماتارى تايكا ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن مىلادى 669 - يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا تېننو تېنجى (626 - 671) ئۇنىڭغا كوزۇخارا فامىلىسىنى ئىنئام قىلغان، ئۇ كۇزۇخارا جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى فۇبىدىن (659 - 720)نىڭ بۇ فامىلىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. فۇبىدىن ئۆزىنىڭ قىزى خىكارى ئاكىكونى تېننو شىنۋۇنىڭ خانىشى قىلىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ تۆت ئوغلى تۆت جەمەتكە بۆلۈنگەن. تاكىچى مارو (680 - 737) مىنامى جەمەتىنىڭ ئەجدادى، فۇساساكى (681 - 737) كىتا جەمەتىنىڭ ئەجدادى، ئۇماكاي (694 - 737) شىكى جەمەتىنىڭ ئەجدادى، مارو (695 - 737) كانا جىرى جەمەتىنىڭ ئەجدادى بولغان. مىنامى جەمەتىدىن ناكامارو (706 -764) تېننو شياۋچيەننىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن چوڭ ھوقۇقنى ئۆزى قولىغا ئالغان. كېيىن ئاسىيلىق قىلىش كويىدا بولۇپ، شىكى جەمەتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شىكى جەمەتىدىن خىروتسۇگۇ (؟ ) 740( توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئىنىسى يوشتىسۇگۇ )671 - 777( بىلەن موموكاۋا )732 - 779( متىسوخىتونى تېننو )709 - 781( قىلىپ تىكلەشكە خىزمەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تۈرلۈك ۋەقەلەر بىلەن چېتىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن زاۋالغا يۈز تۇتقان. كانا جىرى جەمەتىمۇ روناق تاپالمىغان. كىتا جەمەتىدىن فويۇتسۇگى )775 - 826( سول قول ۋەزىرى بولۇپ، كۇزۇخارا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىتارو موتۇتسۇنى )836 - 891(نائىبلىق قىلغان. ئۇنىڭ ھوقۇقى گۇەنبېينىڭكىگە ئوخشاش بولغان. بۇ مەزگىلدە، ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش بولغان. مەسىلەن، كانېمىچى بىلەن كانېئىي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش ۋە مىچىناگا، مىچىكانى بىلەن كورېچىكا ئوتتۇرىسىدىكى تالاش قاتارلىقلار. مىچىناگا )966 - 1027( بىلەن يورىمىچى )992 - 1074( ئاتا - بالا ئىككىسى ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزگەندە بەك ئەدەب كەتكەن. كېيىن تېننو سانجۇ )1068 - 1071( يورىمىچى بىلەن نورىمىچى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، گېن موروفۇسا )؟ - 1077( نى سول قول ۋەزىرلىككە ئۆستۈرۈپ، قۇرۇقلارنى تەرتىپكە سالغانلىقتىن كۇزۇخارا جەمەتىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى تەۋرىنىپ قالغان. پادىشاھلىق ھاكىمىيىتى مەزگىلدە كۈچى ئاجىزلاشقان. كېيىن كانېسانې )1149 - 1207(، موتومىچى )1160 - 1233( دىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنگەن. كانېسانىدىن كېيىن كۇجۇ، نىجۇ ۋە ئىچىجۇدىن ئىبارەت ئۈچ جەمەتكە بۆلۈنگەن؛ موتۇمىچىدىن كېيىنمۇ كۇنۇي بىلەن يېڭىسىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەتكە بۆلۈنگەن. بۇلار قوشۇلۇپ بەش نائىب جەمەت دەپ ئاتالغان، ھەمىشە نائىبلىق قىلغان. مىنچى يىللىرىدا كىنەز دېگەن مەرتىۋە بېرىلگەن. مەرتىۋىسى 1947 - يىلغا بارغاندا بىكار قىلىنغان، ئاقسۆڭەك ئورنىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. يەنە بىرمۇنچە تارماق جەمەتلەرمۇ كۇزۇخارا فامىلىسىنى قوللانغان، ئۆزىنى كۇزۇخارا دېگۈچىلەرمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ ئورنى ئوخشاش ئەمەس، ناھايىتى كەڭ تارقالغان.