UyghurMain Dictionary
كرىتياس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 403 - 460) قەدىمكى ئافىنا سياسىئونى، <30 تىرانلار> ھاكىمىيىتىنىڭ كاتتىبېشى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. كاللىسكىرۇنىڭ ئوغلى. سوكراتىنىڭ شاگىرتى ھەم سوفىست ئالىملىرىنىڭ بىرى. ئولىگارخچى بولۇپ، دېموكراتىك سىياسىگە قارشى چىققان. پېلوپونېنس ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئافىنا دېموكراتلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئافىنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 404) ۋەتەنگە قايتقان؛ سپارتا باش قوماندانى لېساندىرنىڭ يۆلەپ تۇرغۇزۇشى بىلەن تىرامېن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشپ ئافىنادا <30 تىران> (<ئوتتۇزلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھۆكۈمرانلىقنى بەرپا قىلغان. زوراۋانلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دېموكراتچىلاغا ھەدەپ زىيانكەشلىك قىلغان. زاسىداتىللارغا ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. تولۇق پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلارنى 3000 كىشىلىك مۈلۈكدارلار بىلەنلا چەكلەپ، پۇقرالارنىڭ نۇرغۇن مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان ۋە ئۇلاردىن زورلۇق بىلەن ئېغىر باج - سېلىق يىغقان. بۇ ئافىنا خەلق ئاممىسىنى قاتتىق بىزار قىلغان. تىرامىن بىلەن ھاكىمىيەت تالىشىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. دېموكراتلارنىڭ يولباشچىسى سېرا شوبۇرو قوشۇن تارتىپ كېلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بولىسمۇ، ئەمما مونيكىيە (پېرېي پرىستانى)دا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن <30 تىران> ھاكىمىيىتى (<ئوتتۇز زالىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى>غا قاراڭ) غۇلاپ چۈشكەن. ئۇ ئەينى زاماندىكى مەشھۇر ناتىق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا غەزەل، دراما يازغانىكەن. دىنىي ئېتىقادقا گۇمانلىنىش پوزىتسىيە تۇتقان. ئەپلاتون ئۇ توغرىسىدا <كرىتياس> ناملىق دىئالوگلۇق ئەسەر يازغان.