UyghurMain Dictionary
كرىئوللار
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە لاتىن ئامېرىكىسىدا تۇغۇلغان ئىسپانىيىلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، يەرلىك ئاق تەنلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسپان تىلىنى قوللىنىپ ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە، بۇلار ياكى چوڭ پومېشچىك، چوڭ چارۋىچىلىق فېرمىلىرىنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان، ياكى ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللنىپ كەلگەن؛ ھۆكۈمەت، ئارمىيە، چېركاۋلاردا مەنسەپ تۇتقان. بۇلارنىڭ جەمئىيەتتتىكى ئورنى ئىندىئانلار، نىگىرلار ۋە ئارىلاشما قانلىقلاردىن ئۈستۈن بولسمۇ، بىراق يېرىم ئاراللىقلاردىن تۆۋەن بولغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا بىرقەدەر زور رول ئوينىغان. ئارگېنتىنا، ئۇرۇگۋاي، كوستارىكا قاتارلىق ئەللەردىكى كۆپ سانلىق ئاھالىلەر كىرىئوللاردۇر. برازىلىيىدىكى كرىئوللار بولسا مۇستەملىكىلەردە تۇغۇلغان نېگىرلارنى كۆرسىتىدۇ.