UyghurMain Dictionary
كرىپتېيە
دۇنيا تارىخى
سپارتا ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھېلوتلارنى قىرغىن قىلىشتىكى بىرخىل تېررورلۇق ھەرىكىتى. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى ھېلوتلار (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قۇللار) نى قورقىتىش، ئۆزلىرىنىڭ قۇلدارلىق ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھەريىلى باھار مەزگىلدە، بولۇپمۇ رىۋىزىيە ئەمەلدارى ۋەزىپە تاپشۇرۋالغاندا، ئاۋۋال ھېلوتلارغا <ئۇرۇش> قوزغىغان، يەنى سپارتالىق ياش جەڭچىلەرنى ھېلوتلار تۇرۇۋاتقان رايونغا ئەۋەتىپ، كۆپرەك كېچىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كىرىپ، قاۋۇل، بەستلىك ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولغان ھېلوتلارنى قىرغىن قىلغان. مانا بۇ كرىپتېيە (Krypteia يەنى <مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەش>) دەپ ئاتالغان. سپارتالىقلارنىڭ بۇ خىل ياۋۇز زوراۋانلىقى ھېلوتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغان.