UyghurMain Dictionary
كرىستىئان ھىيگېنس
دۇنيا تارىخى
(1629 - 1695) گوللاندىيىلىك فىزىك، ماتېماتىك، ئاسترونوم. ئۇنىڭ بوۋىسى، ئاتىسى، ۋە چوڭ ئاكىسى ئۇزاق ۋاقىت كورۇل ئوردىسىدا ئەمەل تۇتۇپ كەلگەن. ياش ۋاقتىدا ئوبدان ئائىلە مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن. 1645 - 1649 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، لېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورانىسكى ئىنىستىتۇتىدا قانۇن ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن. كېيىن ئۇزاق ۋاقىت فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، لۇئى 19 - نىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن، ئىلىم - پەن جەھەتتە خېلى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇپ، ماياتنىكنى كەشىپ قىلغان. ساتۇرن گەردىشى، ئورىئون يۇلتۇزلار تۈركۈمى (ئاسماننىڭ ئېكۋاتور قىسمىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمى)نى تاپقان، ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلغان ھەمدە نۇرنىڭ دولقۇن نەزەرىيىسىنى شەرھلەپ بەرگەن.