UyghurMain Dictionary
كرىشنا
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ھىندىستان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر جەڭچى. ئىسمى <رگۋىدا> دا كۆرۈلىدۇ. بھاراتا ئۇرۇشى (<ماھابھاراتا>دا) دا پاندۇس قەبىلىسىنىڭ دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى بولغان ھەمدە جىددىي جەڭدە ئۇرۇش ھارۋىسىنى ئۆزى ھەيدىگەن. يەنە ئالۋاستىلانى بويسۇندۇرۇپ، مال - پادىلىرىنى قوغىدىغان. خەلق ئۇنىڭغا چوقۇنغان، كېيىن تەدرىجىي تەرەققى قىلىپ، ئىلاھ ۋىسنا (ھىندى دىنىدىكى ئۈچ ئاساسىي ئىلاھنىڭ بىرى)نىڭ نامايەندىسىگە ئايلانغان.