UyghurMain Dictionary
كائۇتىسكى
دۇنيا تارىخى
(1854 - 1938) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە ئىككىنچى ئىنتىرناتسىئونالنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى، <بىتەرەپ گورۇھ> نىڭ ۋەكىلى. پراگادا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1874 - يىلى ۋېنا ئۇنىۋېرسىتىتىدا پەلسەپە ئۆگەنگەن. ئىككىنچى يىلى ئاۋستىرىيە سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيسىگە قاتناشقان. 1877 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1881 - يىلى لوندوندا ماركىس، ئىنگلىس بىلەن تونۇشۇپ، ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يازغان. 1883 - 1917 - يىللىرى پارتىيىنىڭ نەزەرىيە ژورنىلى <يېڭى دەۋر>نىڭ باش تەھرىرى بولغان. 1891 ـ يىلى پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىغا سايلىنىپ، <ئېرفۇرت پروگراممىسى>نى تەييارلاشقان مەسئۇل بولغان، بۇ پروگراممىدا پرولتارىتات دىكتاتۇرىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ ۋەزىپىلەردىن ئېغىز ئاچمىغان. كۆپ قېتىم گېرمانىيە سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيسىگە ۋاكالىتەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. بېرنىشتېيىن رىۋېزىئونىزمىغا قارشى كۈرەشتە دائىم ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئاغىمىچلار تەرەپتە تۇرغان. 1900 - يىلى 10 - ئايدا، ئككىنچى ئىنتىرناتسىئونالنىڭ پارىژ قۇرۇلتىيىدا ئىككى بىسلىق پوزىتسىيە بىلەن، مىللېراننىڭ كابىنىتقا كىرىش جىنايىتىنى ئاقلاپ، ئىنتىرناتسىئونالدىكى يوشۇرۇن ئاغمىچى گۇرۇھ - <بىتەرەپ گورۇھ>نىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان. 1914- يىلى 8 - ئايدا، <جاھانگىرلىكتىن خالىي بولۇش> نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، مونوپول كاپىتالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە زىددىيىتىنى يوشۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىنى قوللاپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتسىيال شوۋىنىزمغا ئايلىنىپ كەتكەن. 1719 - يىلى گېرمانىيە مۇستەقىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1918 - يىلى <پرولتارىيات دىكتاتۇرىسى> دېگەن كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئۆكتەبر سوتىسيالىستىك ئىنقىلابى ۋە پرولتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. لېنىن <پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋەخائىن كائۇتىسكى> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە، ئۇنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان. 1918 - يىلى گېرمانىيە نويابر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوتىسيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى باشلىقلىرىدىن تەشكىل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1924 - يىلى ۋېنادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. كېيىن يەنە ئامىستىردامغا كۆچۈپ بارغان.