UyghurMain Dictionary
قېيىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇدا يۈرىدىغان، يولۇچى، يۈك توشۇشقا، بېلىق ئوۋلاشقا خىزمەت قىلىدىغان، ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلدىغان ۋە بەزى سۇدا سەيرى قىلشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمان.
«كېمە، كاراپ، كارابىل» لار ئەڭ دەسلەپكى بولۇپ، خادا بىلەن يۈرگۈزۈلەتتى. ھازىر ماتورلا رىشتى.
«پاراخۇت»
ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتقان سۇغا چۈشەر. كاراپقا چۈشكەنلەرنىڭ جېنى بىر. كارابىلدا ھەممە نوپۇز ئىگىسىگە بويسۇنۇشى شەرت. پاراخۇت چوڭ بولغىنى بىلەن، ئۇنى كىچىك رول باشقۇرىدۇ. شامىلىغا قاراپ يەلكىنى. قېيىققا چۇشسەڭ، قېيقچى بىلەن ئېيتىشما. كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قېيىپ تىكىلگەن تىكىچ.
سۈپ. قېيىپ قالغان. قايغان.
قېيىق ئىشىك. قېيىق دېرىزە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قاتناش
دېڭىزغا يېقىن سۇ يۈزى ياكى كۆل - دەريالاردا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك كېمە. پالاق بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچ - تۆت ئادەملا سىغىدۇ. ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغىنى كەڭرەك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئون ئەتراپىدا ئادەم سىغىدۇ.