UyghurMain Dictionary
كائىفۇسو
دۇنيا تارىخى
ياپونىيدە ساقلانغان ئەڭ قەدىمكى خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمى. بىر جىلدلىق. مىلادى 751 - يىلى كىتاب بولۇپ چىققان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇنى ئاۋاجى مىخۇنې، ئىشكامى تاكۇسى، كاجىيىسىې كۆسىيې قاتارلىق كىشىلەر تۈزگەن، بىراق بۇ ھەقتە ئېنىق دەلىل - ئسپات يوق. بۇنىڭغا 120 كوپلىت شېئىر كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور تېننوتېجى سۇلالىسىېدىن تېننو شومۇ سۇلالىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن شاھزادە ئۆتومو، ئۆتسۇ، تېننو خۇمىتاكې ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، روھانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 64 كىشىنىڭ شېئىرلىرىنى توپلاپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭدا دەۋرداش بولغان <مانكانو شېئىرلار توپلىمى> نىڭ ئاپتورلىرىدىن 18 كىشىنىڭ 39 كوپلىت شېئىرىنىمۇ توپلامغا كىرگۈزگەن. بۇنىڭ كۆپى بەش سۆزلۈك شېئىر بولۇپ، مەزمونى كۆپرەك، زىياپەت بەزمىلىرى ۋە سەيلە - ساياھەتلەرگە ئاتاپ يېزىلغان ئەسەرلەردىن ئىبارەت. شېئىر ئۇسلۇبى جۇڭگونىڭ ئالتە سۇلالە بىلەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگلىدىكى شېرىيەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچرىغان.