UyghurMain Dictionary
كائېرونا جېڭى
دۇنيا تارىخى
ماكېدونىيە پادىشاھلىقى يۇناننى بويسۇندۇرغان ھەل قىلغۇچ جەڭ. مىلادىدىن 338 يىل ئىلگىرى ئېئوتىيە (ئوتتۇرا يۇنان) دىكى كائېرونادا بولغان. ماكېدونىە پادىشاھلى فىلىپ Ⅱ قوشۇننى ئوڭ ۋە سول ئىككى قاناتقا بۆلۈپ، ئوڭ قانىتىغا ئۆزى باشچىلىق قىلغان، سول قاناتقا ئۇنىڭ ئوغلى ئالېكساندر (18 ياش) قومانلىق قىلغان. ئافىنا بىلەن تېبېس بىرلەشمە ئارمىيىسى دېمۇستېنېس تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە تۇرسىمۇ، قوماندانلىق مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، ئۈنۈملۈك ھالدا ماسلىشالمىغان، نەتىجىدە تېنېسلىقلار ئالېكساندر تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان؛ فىلىپ دەسلىپىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كېيىن يۇنانلىقلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تۆت چاسا ئەترەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشكەن. يۇنانلىقلارنىڭ مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى ئۆلۈپ، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئەسىرگە چۈشكەن. ئارقىدىنلا فىلىپ كورىنتوس يىغىنىنى ئاچقان، شۇنىڭدىن باشلاپ يۇنان ماكېدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان.