UyghurMain Dictionary
كابوش قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
پارىژ خەلقىنىڭ 15 - ئەسىردىكى فېئوداللىققا قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرىي سىمون كابوش (تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىلى ئېنىق ئەمەس) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 - 1453) فرانسىيىدە ئالۋان - سېلىق ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىرلىشپ، فېئوداللىق ئىچكى نىزالار توختىمىغانلىقتىن (ئامانياكچىلار گۇرۇھىغا قارالسۇن)، خەلق جان باقالماسلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغان. 1413 - يىلى 4 - ئايدا قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلار (ئاساسلىقى قول ھۈنەرۋەنلەر، ئۇششاق ئېلىپساتارلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى) خان ئوردىسىنى قورشىۋېلىپ، پادىشاھنىڭ ئىتىۋارلىق ۋەزىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پارىژنى تىزگىنلىگەن. 5 - ئايدا ھۆكۈمەت <كابۇش پەرمانى>نى ئېلان قىلىپ، مالىيە، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن. كېيىن ئامانياكچىلار گۇرۇھى ىلەن بۇرگۇندىچىلار گورۇھى مۇرەسسەلىشىپ، 8 - ئايدا قوزغىلاڭنى بىرلىشپ باستۇرغان. 9 - ئايدا <كابۇش پەرمانى> بىكار قىلىنغان.