ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كىيىمنىڭ قولنى ساپىدىغان قىسمى.
يەڭ سودىسى. * يەڭلىك، يەڭسىز، يەڭنى تۈرمەك. * يەڭنى شىمايلىماق. * مۇشت يوغان بولسا يەڭگە سىغماس (ماقال). * باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال).
ئىشنى كۆرۈپ قانچىلار شىمايلايدۇ يەڭ،
كۆپرەك ئىشلىگەننى ئەڭ ئەپچىلى دەڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يەڭمەك، يېڭىش. غالىب كەلمەك، ئۈستۈن كەلمەك، ئۇتماق.
دۈشمەننى يەڭمەك. * قىيىنچىلىقنى يەڭمەك. * يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر (ماقال).
ھىممەت كەمىرىنى باغلىغان ھامان،
چۈمۈلە يېڭىدۇ شىرنى بىگۇمان.