UyghurMain Dictionary
يەكەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى كونا شەھەردە بولۇپ، 1638 _ يىلى سېلىنغان. كېيىن نەچچە قېيىم كېڭەيتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، مەسچىت، مەدرىسە ۋە باغدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. دەرۋازا بىناسى ئېگىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە مۇنار سېلىنغان. خانىقا ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئىچكى قىسمى تۈۋرۈك قويۇپ يېپىلغان، سىرتقى قىسمى كارىدور شەكلىدە سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئالدى تەرەپ ھويلىسىغا مەدرىسە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەدرىسنىڭ 40 ئېغىز ئۆيى بار. بۇ مەسچىت نىلوپەر گۈلى، رەڭدار قۇتلۇق بۇلۇت ۋە نۇر چەمبىرىكى سىزما نۇسخىلىرى بىلەن نەقىشلەنگەن بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ پۇرىقىغا ئىگە.