UyghurMain Dictionary
يەڭ ئىچىدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
داۋراڭ سالماي، گەپ - سۆز چىقارماي، كۆز - كۆز قىلماي، خۇپىيانە يوسۇندا.
بۇ ئىش ياخشى بولماپتۇ، قانداق قىلىمىز؟ ئەمدى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈرەيلى. بەزى ئىشنى داۋراڭ سالماي ئىمى - جىمىدا پۈتتۈرگەن ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاشكارا، ئوچۇق، ئوچۇق - يورۇق، ئوچۇق - ئاشكارا
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.