UyghurMain Dictionary
ياشلىق باھارى چىلار
دۇنيا تارىخى
1871 - 1907 - يىللىرىدىكى رۇمىنىيىدىكى مۇتەئەسسىپ سىياسىي گۇرۇھ. بۇ نام ئۇلارنىڭ يولباشچىسى مائىئورېسكو (1840 - 1917)، كارب (1837 - 1918) قاتارلىق كىشىلەر 1863 - يىلى قۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتى <ياشلىق باھارى جەمئىيىتى> دىن كەلگەن. جەمئىيەت <ئەدەبىي سۆھبەت> ژۇرنىلىنى تارقىتىپ، <سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت> نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ ئاقسۆڭەكلەرگە يېقىن بولۇپ، مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ يولباشچىلىرىدىن مائىئورېسكو، كارب، مارگىلومان قاتارلىق كىشىلەر سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بۇرژۇئازىيە بىلەن پومېشچىكلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملەيدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇپ، لىبېراللار پارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى 1888، 1889، 1894( باستۇرغان. فېئوداللىق قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى ئاستىدا، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى <ئەقىلغا مۇۋاپىق> تېرىش دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، پروسسىيىنىڭ يولى بويىچە يېزىلاردا كاپىتالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى پىلانلىغان. 1907 - يىلى رۇمىنىيە مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى بىلەن قوشۇلغان.