UyghurMain Dictionary
ياشلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياش ۋە ئۆسمۈر ۋاقىتلار؛ ياش ۋە ئۆسمۈرگە خاس ئىش - ھەرىكەت.
ياشلىق شامىلى - قاتتىق شامال. ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال. ياشلىق ئالىيجاناب تۇيغۇلارنىڭ يۈكسەك پەللىسىدۇر. ياشلىقنىڭ ئۆزى ھايات پوئېزىيىسىدۇر. ئۆسمۈرلۈك گۈزەل چاغ، ئوقۇش چېغى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ياش ۋاقىت.
ياشلىقىڭدا ئىشلە، قېرىغاندا چىشلە (ماقال).
ياشلىقىنى قەدىرلىمىگەن ئادەم، بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ.
سۈپ. ياشلارغا خاس، ياشلارغا تەئەللۇق، ياشلاردا بولىدىغان؛ ياش ۋاقتىدىكى.
ياشلىق غورۇر، ياشلىق ئىستەك، ياشلىق دەۋر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
… ياشقا كىرگەن، ياشقا تولغان؛ … ياشتىكى.
ئۇلار دىلشاتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئىككى ياشلىق سىڭلىسىنى ئوينىتىپ ئولتۇراتتى.
شاخلىرى بەش تەرەپكە ئايرىلغان، ئالتە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان بۇ قارىياغاچ مۇشۇ يېزا بىلەن بىر ياشلىق ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ياش بىلەن تولغان؛ ياش قاپلىغان؛ ياش ئېقىپ تۇرغان.
ئايرىدى يۇرتتىن شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم، كەينىمدە قالدى مېنىڭ ياشلىق كۆزۈم.