UyghurMain Dictionary
ياشناتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېشىن پەيدا قىلدى، چاقتۇردى.
تەڭرى ياشىن ياشناتتى _ تەڭرى چاقماق چاقتۇردى. بىر ئادەم قىلىچنى ۋالىلداتسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. ھەرقانداق بىر نەرسە ۋالىلدىسا ۋە پارىلدىسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياشنات قىلىچ باشى ئۈزە قاققىل يارا
پىچلىپ ئانىڭ بوينى تاقى قالقان تۇرا
(دۈشمەن) بېشى ئۈستىدە قىلىچ يالتىرات، (قىلىچ) ئۇر، يارىلا،
ئۇنىڭ بوينى ۋە قالقان - تۇرالىرىمۇ كېسىلىپ بىتچىت بولسۇن.
دۈشمەننىڭ ئۈستىدە قىلىچ يالتىرات، ئۇنىڭ بوينى ئۈزۈلسۇن، دۈشمەننىڭ بېشىغا قىلىچ ئۇر، ئۇنىڭ قالقان - تۇرالىرىمۇ پارچە - پارچە بولۇپ كەتسۇن.
2 - 521