UyghurMain Dictionary
ھېرېرولار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى. 1884 - يىلى گېرمانىيە ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا بېسىپ كىرگەن. 1892 - يىلى گېرمانىيىگە قاراشلىق غەربىي جەنۇبى ئافرىقىنى قۇرۇپ كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، ھېربرولارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1904 - يىلى 1 - ئايدا ماھېرېرو (1854 - 1923) خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، گېرمانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭ پارتلاپ، تېزلىكتە كېڭىيىپ، 7000 كىشىگە يەتكەن. مورانگا (؟ - 1907) ۋە ۋىتبوئىس (1840 - 1905) خونتېنتوتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. 8 - ئايدا خاماكارى دېگەن جايدا قاتتىق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. كېيىن پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. گېرمانىيە ئەسكىرىي كۈچىنى كەينى - كەينىدىن كۆپەيتىپ ئەنگلىيىنىڭ ياردىمى بىلەن 1907 - يىلى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، يەرلىك ئاھالىلەرنى دەھشەتلىك قىرغان.