UyghurMain Dictionary
ھېرمېس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سودا - ساياھەت خۇداسى، رىم ئەپسانىسىدىكى مېركۇرىئۇس. زېۋىس بىلەن مائىيە (ئاتلاسنىڭ قىزى) نىڭ ئوغلى. ئاركادىيە (جەنۇبىي گرېتسىيە) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان گوللېنېدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆشۈكتىن ئۆمىلەپ چىقىپ ئاپوللوننىڭ كالا پادىلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئوغرىلاپ، يىراققا ئېپكەتكەن، كېيىن بىر يوغان تاشپاقىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ قاسىرىقى بىلەن بىر چىلتار ياساپ تۆلەم ئورنىدا ئاپوللونغا بەرگەن. ئۇ چارۋىچىلىق، سودا، قاتناش ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرغان. شۇنداقلا زىۋېسنىڭ سادىق ئەلچىسى بولۇپ، تۈرلۈك مۇقەددەس يارلىقلارنى ئەپچىللىك بىلەن يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئوبرازى دائىم بېشىغا پەي قىستۇرۇۋالغان شىلەپە كىيگەن، پۇتىغا قانات قىستۇرۇلغان ئۇچار ئاياغ كىيگەن، قولىدا ئىككى يىلان چىرماشقان سەۋلە تۇتقان، پۈتكۈل تۇرقىدىن ئەقىل - پاراسەت ئۇرغۇپ تۇرغان ۋە چەبدەسلىكى چىقىپ تۇرغان قىلىپ تەسۋىرلىنىپ، ئۇ دائىم ئولۇمپوس تېغىدىكى خۇدالارنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملەشكەن. مەسىلەن، ھېرا، ئافىنا ۋە ئافرودىت قاتارلىق ئۈچ مەبۇدىنى باشلاپ، پارس (ترويا شاھزادىسى) نى ئىزدىگەن؛ ھېراكلېسنى باشلاپ، دوزاخقا بېرىپ، <ئۈچ پادىشاھلىق ئىت> نى پانىي دۇنياغا ئېپكەلگەن. بوۋاق دىئونىسوس (شاراب خۇداسى) نى قانات ئاستىغا ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يېزىق، كالېندار ۋە ماتېماتىكا قاتارلىقلارنى كەشپ قىلغانىكەن، قەدىمكى مىسىردىكى توت ئىلاھقا ئوخشاپ كېتىدۇ.