UyghurMain Dictionary
ھېراكلېئوپولىس
دۇنيا تارىخى
مىسىردىكى قەدىمكى شەھەر. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى فايوئۇم سۇلۇق رايونىغا (قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىن 77 مىل يىراقلىقتا) جايلاشقان. قەدىمكى پادىشاھلىق (مىلادىدىن ئىگىرى 2686 - 2181) نىڭ ئاخىرقى مەزگخلىدە شىمالىي مىسىرنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن بۇ يەردە توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى سۇلالىلەر قۇرۇلۇپ، جەنۇب بىلەن قارشىلاشقان ھەمدە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، مىسىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەگىلىگە كەلگەندە، جەنۇبىي مىسىرنىڭ مەركىزى تېبېس بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئون بىرىنچى سۇلالىنى قۇرغان ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، شىمالنى بويسۇندۇرۇپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇندىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا سۇلالە دەۋرى باشلانغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا ھېراكلېئوپولىس ئۆز ئورنىنى تېبېسقا بوشىتىپ بەرگەن.