UyghurMain Dictionary
ھېركۇلانېئۇم
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە نېئاپول قولتۇقىدىكى قەدىمكى شەھەر. كامپانىيە دائىرىسىدىكى ۋېزۇۋىي يانار تېغىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. پادىشاھ تىتۇس تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، مىلادى 79 - يىلى رىم كالېندارى بويىچە 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى يانار تاغ تۇنجى قېتىم پارتلىغاندا، مەشھۇر قەدىمكى شەھەر پومپېي بىلەن بىللە كۆمۈلۈپ كەتكەن. ⅩⅧ ئەسىرىدە تېپىلغان ھەمدە قېزىلىشقا باشلىغان، كىچىك شەھەرنىڭ تاش بىلەن ياسالغان كوچىلىرى ۋە ئۆي - ئىمارەتلىرى تېپىلغان، نۇرغۇن قوراللار، چىنە - قاچىلار ۋە نەقىش، رەسىم قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى تېپىلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدىكى ئىتالىيىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. يېقىنقى يىللاردىكى قېزىشتا يەنە 100 نەچچە پارچە ئادەم سۆڭىكى، نۇرغۇن ئات سۆڭەكلىرى، بىجىرىم كېمە ۋە ھەربىي قورال، تىللا قاتارلىقلار تېپىلغان. مەدەنىي يادىكارلىقلىرى پومپېي شەھىرىنىڭكىدىن كۆپ ئىكەنلىكى نامايان بولغان ھەمدە ئەينى يىللاردا يانار تاغ پارتلىغان چاغدىكى جانلىق پاجىئەلىك مەنزىرە قايتا نامايەن بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پومپېيلىقلارنى يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋىلار كۆيدۈرگەنلىكى، ھېركۇلانېئۇملارنى يانار تاغنىڭ سوۋۇپ قالغان شېغىل - تاش ئېقىنى كۆمۈۋالغانلىقىدىن بولغان. ھازىر بۇ يەر ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي بولۇپ قالغان.