UyghurMain Dictionary
ھېساب
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھېسابات.
ھېساب دەپتىرى. * ھېسابتىن چىقارماق. * ھېسابنى بوغماق. * ھېساب ئالماق. * ھېساب بەرمەك. * ھېساب - كىتاب قىلىشماق. * ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولما (ماقال). * پۇل تاپقۇچە ھېساب تاپ (ماقال). * ھېسابنىڭ سىرتىدا ئىش يوق، كالپۇكنىڭ تېشىدا چىش يوق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ھېساب دەرسى، ئارىفېتىكا.
ھېساب ئەمىلى. * ھېساب چىقارماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سان، ساناق، ئەدەت.
ھېسابقا ئالماق. * ھېسابلىماق. * ھېسابسىز. * ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق (ماقال). * تۇغۇلغان ھېساب ئەمەس، تۇرغان ھېساب (ماقال). * تۆردە ئولتۇرغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساب (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەيئىلەرنىڭ قانچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان چۈشەنچە.
ساندا بار، ساناقتا يوق. كۆڭلۈڭدە سان بولسا، يېرىم غەلىبە قىلغىنىڭ. نادان دوستنى ساناققا قوشما. ئېدىتسىز ئىش يوق، ئىشنى بىل، ئېدىتىنى بىل. بېرىلمىگەيسەن ھەسەتكە زىنھار، ھەسەتتە يا چەك يوق، يا مىقدار. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن. ھېسابچى توغرا بولسا، ھېساب خاتا بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى . نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى ساناپ ئېنىقلاش ، ساناش .
ئاغزاكى ھېساب. ھېسابدىن ئاداشماق.
ئى (تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ) تەخمىنەن، چاما، مۆلچەر .
مېنىڭ ھېسابىمغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھېسابىچە،* ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ(ماقالە).
ئى . ساناق ئىدىت ؛ مىقدار، سان .
ئوتتۇرا ھېساب ، ھېسابى يوق
ئى . تىزىم ، تىزىملىك .
ياچېيكا ھېسابىدا13 پارتىيە ئەزاسى بار .