UyghurMain Dictionary
ھېسابات
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھېسابلاش ئىشلىرى؛ ھېساب .
ھەي سىز بىر ئۆمۈر ھېسابات بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمغۇ !
<سودا> پۇل، مال ، يۈك قاتارلىقلارنىڭ كىرىم - چىقىم خاتىرىسى .
ھېسابات دەپتىرى. ھېسابات تالونى، ھېسابات جەدۋىلى .
كۆچمە . ئۆز ئىشلىرى ، بىرەر تاپشۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ بېجىرىلىشى ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە رەھبەرلىك، تەشكىلات ياكى جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاغزاكى يازما رەۋىشتە بېرىلىدىغان رەسىمىي ئاخبارات ؛دوكىلات .
يىللىق ئىشلار ھېساباتى .
- بىلىپ قوي، بىزنىڭ سەندىن ئالىدىغان ھېساباتىمىز تېخى بۇرۇنقىدەك ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ .