UyghurMain Dictionary
گېرتسېن
دۇنيا تارىخى
(1812 - 1870) روسىيەلىك ئىنقىلابىي دېموكراتىزمچى، ماتېرىيالسىس پەيلاسوپ، يازغۇچى. چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلسىدىن كېلىپ چىققان. بالىلىق دەۋرىدە دېكابرستلار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1829 - 1833 - يىللىرى موسكۋا داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا ياشلار گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، فۇريې، سېن - سىمون تەلىماتىنى تەتقىق قىلىپ، ئىنقىلابىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئېلىنىپ سۈگۈن قىلىنغان. 1842 - يىلى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، <ئىلىم - پەندىكى ئويۇنچاقلىق پوزىتسىيىسى>، <تەبىئەت تەتقىقاتى ھەققىدە خەتلەر> قاتارلىق پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. گېگېل پەلسەپىسىدىكى دىئالېكتىكىنى <ئىنقىلابىي ئالگېبرا> دەپ ھېسابلىغان، ماتېرىيالىزمنى تەرەققىيات نۇقتىئەنەزىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. لېنىن ئۇنى <دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەن، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئالدىدا توختاپ قالغان> دېگەن. 1847 - يىلى، ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. پارىژدا 1848 - يىلى 6 - ئايدىكى ئىشچىلار قوزغىلىڭىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. كېيىن <فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدىن كەلگەن خەتلەر> ۋە <نېرىقى قىرغاقتىن> دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە ئىنقىلابىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ، كاپىتالىستىك تۈزۈمگە زەربە بەرگەن. 1853 - يىلى لوندوندا <ئەركىن رۇس باسمىخانىسى> نى قۇرۇپ، <قۇتۇپ يۇلتۇزى> ۋە <سىگنال> قاتارلىق گېزىت - ژورناللارنى چىقىرىپ، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جار سالغان. لېكىن خاتا ھالدا روسىيىدە يانچىلىق تۈزۈمى يوقىتىلغاندىن كېيىن دېھقانلارنىڭ يېزا جامائەسى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئېتېتىكا جەھەتتە سەنئەت بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدا ئايرىغىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت بار. ئەدەبىيات بولسا، ئىلغار ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدىغان سۆز مۇنبىرى دەپ قاراپ، ناتۇرالىزم بىلەن <نوقۇل سەنئەت> نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا <ئۆتكەن ئىشلار ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزە> دېگەن ئەسلىمە، <كىم ئەيىبلىك؟>، <ئوغرى سېغىزخان> قاتارلىقلارنى يازغان. ئۆلگەندىن كېيىن <ئىلمىي ماقالىلەر ۋە خەت - چەكلەر توپلىمى> ۋە باشقا ئەسەرلىرى نەشىرقىلىنغان.