UyghurMain Dictionary
گېچېڭ جەمەتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەدىكى قەدىمكى چوڭ جەمەت. كاتسۇراگى شەھىرى (ھازىرقى نارا ناھىيىسى) گە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كاتسۇراگى قىزى بەنچېننى تېننو رېسىندىغا ياتلىق قىلغان. بەنچېندىن تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فۇجوڭ، فەنجېڭ ۋە يۇنگوڭدىن ئىبارەت ئۈچ تېننو بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇق ھوقۇق ۋە كۈچكە ئىگە بولغان؛ ئۇلار بىرنەچچە قېتىم چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. تېننو يۇنگوڭ ئۆلگەندىن كېيىن، تەخت تالىشىش كۈرىشىدە نۇرغۇن كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلۈش نەتىجىسىدە، بۇ ئۇرۇقنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشقان. ئولتۇرۇشلۇق يېرى كاتسۇراگى شەھىرىمۇ مۇسادىرە قىلىنىپ، تېننوغا بىۋاستە قاراشلىق خوجىلىق يەر قىلىنغان.