UyghurMain Dictionary
گېراكىل
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باتۇر. رىم ئەپسانىلىرىدە گېركۇلېس دەپ ئاتىلىدۇ. بەك كۈچلۈك بولغاچقا <پالۋان خۇدا> دەپ ئاتالغان. باش خۇدا زېۋىس بىلەن ئالكمېنېنىڭ ئوغلى. ئاتاقلىق باتۇر پېرىسئوسنىڭ ئەۋلادى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىز ئاي بولغاندا، مەبۇدە ھېرائۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئىككى زەھەرلىك يىلاننى قويۇپ بەرگەن. ئۇ بۆشۈكتە ئىككى زەھەرلىك يىلاننى بوغۇپ ئۆلتۈرگەنىكەن. ياش ۋاقتىدا تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ئولىمپىيە تېغىدىكى تەڭرىلەر ئۇنىڭغا تۈرلۈك قورال - ياراقلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆچمەس تۆھپە يارىتىشىغا ياردەم قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 12 تۈرلۈك <زور خىزمەت> كۆرسەتكەنىكەن: (1) نىمىيە ئورمانلىقىدىكى دەھشەتلىك شىر بىلەن ئېلىشقان؛ (2) سازلىقتىكى توققۇز باشلىق يىلان (ھېدرا) نى ئۆلتۈرگەن؛ (3) ئاركادىيىدىكى قىزىل بۇغىنى تىرىك تۇتۇۋالغان؛ (4) تاغدىكى قاۋننى تىرىك تۇتۇۋالغان؛ (5) قىغى 30 يىل چىقىرىلمىغان ئاۋگىسنىڭ ئېغىلىنى بىر كۈندە تازىلاپ چىققان؛ (6) كۆلدىكى ئادەم ۋە ئۇلاققا زىيان سالىدىغان قۇشلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن؛ (7) كرىت ئارىلىدىكى قۇترىغان بۇقىنى بويسۇندۇرغان؛ (8) دىئومىدېنىڭ ئادەمخور ئايغىرلىرىنى تىراكىيىدىن مىكنايغا ھەيدەپ كەلگەن؛ (9) جەڭگە ماھىر ئامازونلار (ئاياللار) مەملىكىتىگە بېرىپ ئايال پادىشاھنىڭ بەلبېغىغا ئىگە بولغان؛ (10) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي تەرىپىگە بېرىپ، گىگانت ئادەم گېرىيوننى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ كالىلىرىنى تارتىۋالغان (ئىككى تاغ چوققىسىنى يەنى مەشھۇر <گېراكىل تاش تۈۋرۈكى> نى تۇرغۇزغا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۈگۈنكى جەبىلتارىق بوغۇزى شۇنىڭدىن ۋۇجۇدقا كەلگەنىكەن)؛ (11) كاپكاز تېغىدا ئازاب - ئوقۇبەت چېكىۋاتقان پرومىتىنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېيىن ئاسماننى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئاتلاسنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ دانە ئالتۇن ئالمىنى ئۈزۈپ كەلگەن؛ (12) ئاخىرەتتىن ئەجدىھا قۇيرۇقلۇق ئۈچ باشلىق ئىت كېربېرۇسىنى بۇ ئالەمگە ئېلىپ كەلگەن. ئۆز خوتۇنى دېيئانىرا بەرگەن زەھەرلىك قانغا مىلەنگەن كىيىمنى كىيگەنلىكتىن ئۇشتۇمتۇت ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئوئېتا تېغىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە مەبۇدە ئافىنا تەرىپىدىن ئولىمپىيە تېغىغا ئېلىپ كېتىلىپ، مەڭگۈ ئۆلمەس باتۇر بولۇپ قالغان.