UyghurMain Dictionary
گېررا جۇنكېيرو
دۇنيا تارىخى
1850 - 1923( پورتۇگالىيىلىك شائىر. 1883 - يىلى كوئىمبرا داۆسىنى پۈتتۈرگەن. مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت مەزگىلىدە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. 1910 - يىلى پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شۋېتسارىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان )1911 - 1914(. ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. 1874 - يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى - <دون خوئاننىڭ ئۆلۈمى> نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ پارازىتلىق تۇرمۇشى ۋە ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكىنى سۆككەن. 1885 - يىلى چېركاۋنى مەسخىرە قىلىدىغان <ئىلاھنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى> دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان، 1890، 1896 - يىلى <ۋەتەن پەللىسى> دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى ۋە <ۋەتەن> دېگەن شېئىرنى ئېلان قىلىپ، مۇنارخىيىلىك تۈزمىنى غەزەپ بىلەن قامچىلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پان ئىلاھىچىلىققا كۆچۈپ، <بولكىغا ئىلتىجا>، <يورۇقلۇققا ئىلتىجا> قاتارلىق شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.