UyghurMain Dictionary
گوتىئانلار
دۇنيا تارىخى
ئىران ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زاگرۇس تاغلىق رايونىدا ياشىغۇچى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى. مىلادىدىن ئاۋۋالقى 13 - ئەسىرلەردە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي چېگرىسىغا (ھازىرقى ئىراق) بېسىپ كىرىپ، قىرغىنچىلىق، ۋايرانچىلىق قىلغان، شۇڭا سۇمېر ئويما يېزىقلىرىدا ئۇلارنى <تاغلىق ئەجدىھالار> دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2230 يىل ئىلگىرى ئاككاد پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 22 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈك پادىشاھى ئوتۇھېگال تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قوغلاپ چىقىرىلغان. گوتىئانلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تەخمىنەن بىر ئەسىر ۋاقىت تۇرۇپ، پەيدىنپەي سۇمېر ۋە ئاككاد تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان.