UyghurMain Dictionary
گوتشالك
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1066) ۋېدېن دۆلىتىنىڭ كىنەزى (1044 - 1066) ئەسلىدە پولاب سلاۋيانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان. ئوبۇدرىتلارنىڭ كىنەزى. كېيىن ليوتچىلار ۋە قىسمەن پومۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ۋېدېن دۆلىتى بەرپا قىلغان. كۈچلۈك دۈشمىنى ساكسون گرېتسوگىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دانىيە كورۇلى بىەن دوستانە مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلگەن. كىنەز ھوقۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خرىستىئان دىنىنى تەرغىپ قىلغان؛ ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ، كۇپ خۇداغا چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇ ئارقىلىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىپ، باشقىدىن كىرۇتوينى گرېتسوگ قىلىپ سايلىغان.