UyghurMain Dictionary
گوتلار
دۇنيا تارىخى
گېرمان مىللىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. دەسلەپ ۋىسىدۇرا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان، مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبقا - قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا يۆتكەلگەن، Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا داكىيە ئۆلكىسى (ھازىرقى رومىنىيە ئەتراپىدا) گە كىرگەن، ئاندىن رىم چېگرىسىغا دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. مىلادى 272 - يىلى كورۇل ئائۇرېلىئان (270 - 275 - يىللىرى تەختتە بولغان) پۈتكۈل داكىيە زېمىنىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن. Ⅲ - Ⅳ ئەسىرلەردە ئاستا - ئاستا شەرقىي گوتلار (ئوستروگوت) ۋە غەربىي گوتلار (ۋىسگوت) دەپ ئايرىلغان. (1) شەرقىي گوتلار مىسىيە ۋە باننونىيە ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىن شەرققە قاراپ كېڭىيىپ، كونستانتىنوپول (ۋىزانتىيە)غا يېقىنلاشقان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي رىم كورۇلىنىڭ ماقۇل كۆرۈشى بىلەن (غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى) مۇنقەرز بولغان(ئىتالىيىگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان). تېئودورىك ئىتالىيىدە كورۇل بولۇپ، شەقىي گوت پادىشاھلىقى (493)نى قۇرغان. (2) غەربىي گوتلار ھونلار (ئاسىيادىن كەلگەن) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، 375 - يىلى رىم دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى داكىيەدىن دەريانىڭ جەنۇبىدىكى مىسىيە ئۆلكىسى ۋە تراسېي ئەتراپىغا كۆچكەن. كېيىن رىمغا قارشى چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 378 - يىلى ئادرىئانوپول جېڭىدە رىم پادىشاھى ۋالېنسىنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئىتالىيىگە كىرگەن (شەرقىي گوتلاردىن ئىلگىرى). 410 - يىلى غەربىي گوتلار ئالارىك Ⅰ نىڭ يېتەكچىلىكىدە رىم شەھىرىنى ئالغان. ئاندىن كېيىن، غەربىي گوتلار ئىتالىيىنى تاشلاپ، گاللىيە (فرانسىيە)ئارقىلىق، پىرىنېئوس تېغىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيەنى ئىشغال قىلىپ، غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان (419). گوتلار بولۇپمۇ غەربىي گوتلار <ۋارۋارلار> نىڭ كەڭ تۈردە كۆچۈشى ۋە غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان.