Uyghur←ChineseMain Dictionary
گوتىئانلار
Domain: دۇنيا تارىخى库提人
kù tí rén
ئىران ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى زاگرۇس تاغلىق رايونىدا ياشىغۇچى قەدىمكى زامان ئاھالىلىرى. مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅢⅩ ئەسىرلەردە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي چېگرىسىغا (ھازىرقى ئىراق) بېسىپ كىرىپ، قىرغىنچىلىق، ۋايرانچىلىق قىلغان، شۇڭا سۇمېر ئويما يېزىقلىرىدا ئۇلارنى <تاغلىق ئەجدىھالار> دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 2230 يىل ئىلگىرى ئاككاد پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن ⅡⅩⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈك پادىشاھى ئوتۇھېگال تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، قوغلاپ چىقىرىلغان. گوتىئانلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تەخمىنەن بىر ئەسىر ۋاقىت تۇرۇپ، پەيدىنپەي سۇمېر ۋە ئاككاد تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.