UyghurMain Dictionary
فىلولوگىيە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىل ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. تىل ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى پەنلەر ۋە بىلىملەرنىڭ مەجمۇئەسى. مەسىلەن: ئۇيغۇر فىلولوگىيىسى. فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتور دېگەندەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
تىل - يېزىق، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنى، ئاساسەن يازما يادىكارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. كەڭ مەنىدىكى فىلولوگىيە تىلشۇناسلىق، يېزىقشۇناسلىق، فونېتىكا ئىلمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئۇ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانماقتا