UyghurMain Dictionary
فىللىپپې
دۇنيا تارىخى
(1747 - 1793) ئەسلى ئىسمى لۇئى فىللېپپې يوسېپ. فرانسىيە بوربون خان جەمەتىنىڭ ئورلېئان تارمىقىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەك، لۇئى 16 - نىڭ نەۋرە ئىنىسى. 1785 - يىلى ئورلىئان كىنەزى دېگەن نامغا ۋارىسلىق قىلغان. ئىنقىلابتىن ئىلگىرى سىياسىي قارا نىيىتى ۋە خۇسۇسىي ئاغرىنىشى سەۋەبىدىن خان جەمەتى بىلەن يامانلىشىپ قالغان، 1787 - يىلى ئالىيجاناپلار يىغىنىغا قاتنىشپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، قىسقا مۇددەت سۈرگەن قىلىنغان. 1789 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ دەرىجىلىك يىغىنغا قاتنىشىپ، 3 - دەرىجىلىكلەرنى قوللىغان. پارىژدىكى رويار خۇسۇسىي سارىيىنى ئاممىغا ئېچىۋەتكەن بۇ يەر، بىر مەھەل ئىنقىلابىي پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالغان. 1791 - يىلى ياكوبىن كۇلۇبىغا قاتناشقان. ياندۇرقى يىلى 8 ئايدىن كېيىن ئاقسۆڭەك مەرتىۋىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسمىنى فىلىپپې باراۋەرچى دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان، كۇرۇلنى ئۆلتۈرشكە قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. 1713 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى لۇئى فىلىپپې دومورئېغا ئەگىشىپ ئاۋسترىيىگە ئۆتۈپ كەتكەن. ئىكىنچى كۈنى ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن ھەم قولغا ئېلىنغان. 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئىنقىلابىي سوت تەرىپدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.