UyghurMain Dictionary
فىلىپپىن مۇستەقىللىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش يولىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشى. 1896 - يىلى 8 - ئايدا، بونىفاسىئو رەھبەرلىكىدىكى كاتىپۇنان مانىلا ئەتراپىدىكى بارىنتاۋاك تېغىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، جايلار ئۇنىڭغا ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشۇپ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، كەينى - كەينىدىن ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن، 1897 - يىلنىڭ باشلىرىدا، ئىنقىلابىي لاگېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش پەيدا بولۇپ، ئاگۇينالدۇ گۇرۇھى <كاتېپۇنان>نىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بونىفاسىئونى ئۆلتۈرۈپ، ئىنقىلابىي كۈچلەر ئېغىر ھالدا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى، مەنپەئەت بىلەن قىزىقتۇرۇشى ئارقىسىدا، 12 - ئايدا ئاگۇينالدو ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن <تاش ئۆڭكۈر شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولغان. لېكىن فىلىپپىن خەلقى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان. 1898 - يىلى باھاردا، پۈتۈن مەملىكەت ئاساسەن ئازاد بولغان. شۇ يىلى 5 - ئايدا، ئاگۇينالدو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ مۇھاپىزىتى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ، ئىسپانىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، ئاگۇينالدو كاۋىتېدا <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى>نى ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ <ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىك>كە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 1899 - يىلى 1 - ئايدا ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان، فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، ئاگۇينالدو زۇڭتۇڭ بولغان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، فىلىپپىن ئىنقىلابى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان. <ئامېرىكا - فىلىپپىن ئۇرۇشى>غا قاراڭ.